خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، ئەمدىلا موسكۋاغا كەلگەن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كىرېمېل سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇقى توغرىسىدا كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلىدى.
ئىيۇلنىڭ بېشىدىكى موسكۋادا قاش قارايغان چاغ بولۇپ، سەلكىن شامال چىقىپ تۇراتتى. كەچكى شەپەق نۇرىدا كىرېمېل سارىيى ئۆزگىچە نۇرلىنىپ تۇراتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيەدە يەنە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ھەم زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلاردىن بولغاچقا، چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا قويۇق ئالاقىلىشىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى قەتئىي قوللىشىمىز، قارشى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتىكى سىياسەت-تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللىشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ چوڭ-چوڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە سىياسىي جەھەتتىن ئالاقىلىشىش ۋە ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ ۋە خىرىسنى بىرلىكتە تۈگىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى