- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
13-بەش يىلدا، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرگە پائال تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ
2017.07.05 15:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى يېقىندا «مەملىكەتلىك دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى»نى بىرلىكتە چىقىرىپ، ئېلىمىزنىڭ 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى دېڭىز-ئوكيان تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەپەككۇرى، تەرەققىيات نىشانى ھەم ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنى بېكىتتى.
دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فاڭ جيەنمېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىرتقا تايىنىشچانلىقى %60 كە يەتتى، تاشقى سودا تىرانسىپوت مىقدارىنىڭ %90 ى دېڭىزدا توشۇش ئارقىلىق ئورۇنلىنىدۇ، دۇنيا سۇ قاتنىشى بازىرىدىكى %19 لىك كۆپ مىقدارلىق ماللار ئېلىمىزگە توشۇلىدۇ، %22 لىك ئېكسپورت يۈك ساندۇقى جۇڭگودىن چىقىدۇ. ئېلىمىز ئىقتىسادى دېڭىز-ئوكيان جەھەتتىكى ئېچىۋېتىشچان ئىقتىسادقا يۈكسەك دەرىجىدە تايىنىدىغان بولدى. پىلاننى تۈزۈش-ئالدى بىلەن دېڭىز-ئوكياندا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ، يېشىل ئىقتىسادىي بوشلۇقنى كېڭەيتىشنىڭ ئىستراتېگىيە ئېھتىياجى. ئىككىنچىدىن، پىلاننى تۈزۈش يەنە دېڭىز-ئوكياندا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. پىلاندا ئىقتىساد يېتەكچى قىلىنىپ، دېڭىز-ئوكياندا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پىلاندا 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشى زىچ چۆرىدىلىپ، بىر بەلباغ، بىر يولنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تەرەققىيات يولى ۋە تەدبىر كاپالىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر