باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلدى

2017.07.05 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زايوم بازىرىنى تۇتاشتۇرۇشنى باشلاش مۇراسىمى 3-ئىيۇل شياڭگاڭ بىرژىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. شېنجېن-شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىنى تۇتاشتۇرۇش، شاڭخەي-شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىنى تۇتاشتۇرۇشتىن كېيىن، شياڭگاڭ بىلەن ئىچكى جايلار پۇل مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش يېڭى باسقۇچقا كىردى.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: زايوم بازىرىنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ باشلانغانلىقى-ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ كاپىتال بازىرىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى يېڭى سەھىپىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىچكى جايلار چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىچكى جايلار بىلەن چېگرا سىرتىدىكى زايوم بازىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىچكى جايلار بانكىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زايوم بازىرىغا مەبلەغ سېلىشىغا تۇنجى قېتىم رۇخسەت قىلدى. زايوم بازىرىنى تۇتاشتۇرۇش-ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭغا نىسبەتەن ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان پىلان، ئۇ-ئىچكى جايلاردىكى پۇل مۇئامىلە بازارلىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە مۇقىم تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىلىك ئورنىنى پۇختىلاشقا پايدىلىق.

  جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەن گۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: ئىچكى جايلار بىلەن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك بولغان زايوم بازىرىنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، شياڭگاڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ سىغىمى ھەم كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، يەر شارىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىدىكى پۇل مۇئامىلە بازارلىرىغا قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر