خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى لىن جيەنخۇا 2017- قارارلىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلماقتا.
شۇ كۈنى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 2017- يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى بۇ مەكتەپنىڭ چيۇ دېبا تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل بۇ مەكتەپتە جەمئىي 3358 تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتكۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1587 ئوقۇغۇچى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى شەرىپىگە، 537 ئوقۇغۇچى بېيجىڭ شەھىرى بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى دېگەن نامغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى