سۈرەتتە: نەنچاڭ قوزغىلىڭى تەسۋىرلەنگەن ماي بوياق رەسىم.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلگىرىكى «يې تىڭ مۇستەقىل تۈەنى»نىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان جاڭ جيې مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «تۈەنىمىز پارتىيەمىز ئىگىلىگەن بىرىنچى تۈركۈم ئىنقىلابىي قوراللىقلارنىڭ بىرى، تېخىمۇ مۇھىمى ئارمىيە بايرىقى كۆتۈرۈلگەن جاي» دېدى. 90 يىل ئىلگىرى، بۇ تۈەن قاتناشقان نەنچاڭ قوزغىلىڭى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشنىڭ تۇنجى ئوقىنى ئاتتى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي ئۇرۇشقا مۇستەقىل رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئىنقىلابىي ئارمىيە قۇرۇشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى