باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستېئىنمېيېر بىلەن كۆرۈشتى

2017.07.06 15:54   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستېئىنمېيېر بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 5-كۈنى بېرلىندا گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستېئىنمېيېر بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقتا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش روھىغا ئەمەل قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئۆزلۈكسىز راۋاجلاندۇردى، ئورتاق تونۇش ۋە ئورتاق مەنپەئەت داۋاملىق كېڭەيدى. 2014-يىلى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملىشىپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى كۈچىيىپ، ئالاقە ساھەسى كېڭىيىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە داۋاملىق ئالدىدا مېڭىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2017-يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى…
    ·8-ئايدا 4387 يېزا قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە تارىخ دېگەندەك پەنلەر ئوقۇتۇشىدا چوقۇم…
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەقسىز دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ 
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلىنىدۇ
    ·شىنجاڭدا بەش يىلدا 60 مىڭدىن ئارتۇق يېزا قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىندى
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن سائەت 22 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئېلان قىلىنىدۇ
    ·مەركەز 72 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قوش…
    ·يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئاگاھ بولۇڭ