باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«بىز تاغ-دەريالىرىمىز تۇتۇشۇپ كەتكەن ياخشى قوشنىلار»

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى توغرىسىدا

2017.07.06 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، قۇياش بۇلۇت يېرىپ چىقتى. رەئىس شى جىنپىڭنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئەترىتى بوران-چاپقۇن ۋە شان-شەرەپنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن موسكۋا قىزىل مەيدانىغا ئاستا-ئاستا كىرىپ كەلدى.

  7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە رۇسىيەدە «جۇڭگو شامىلى» ئەۋج ئالدى. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى شاھمات تاختىسىدا، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئالاھىدە جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى «ئۈچ ئۆزگەرتمەيدۇ»نى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش فاڭجېنىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، ئىككى دۆلەت ئورتاق تەرەققىي قىلىش-گۈللىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارانىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئىرادىمىز ئۆزگەرمەيدۇ».

  بۇنداق ئورتاق تونۇش، بۇنداق ۋەدە ـــ تارىخنىڭ تاللىشىدۇر، دەۋرنىڭ چاقىرىقىدۇر.

  فاڭجېن ئۆزگەرمەيدۇ: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلەيدۇ

  كەچكى شەپەق نۇرىدا كىرېمېل سارىيى نۇرلىنىپ تۇراتتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى پائالىيىتى تەكلىپكە بىنائەن بۇ يەرگە كېلىپ، زۇڭتۇڭ پۇتىن ئۇيۇشتۇرغان كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىش بولدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يۈزتۇرانە قارىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۈچ يېرىم سائەت چوڭقۇر پاراڭلاشتى. قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشقاندا، سائەت ئىسترېلكىسى 23 دىن ئاشقانىدى. زۇڭتۇڭ پۇتىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دائىم ئالدىراشلىق بىلەن پۇخادىن چىققۇچە پاراڭلىشالمايتتۇق، بۈگۈنكى چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇق، بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى بولدۇم.

  ۋاقىت خۇددى توختاپ قالغاندەك ئىلگىرىكى كۆرۈنۈش قايتا جىلۋىلەندى. تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەدە ئالتە قېتىم زىيارەتتە بولدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى 21 قېتىم ئۇچراشتى. ئۇچراشتى، كۆرۈشتى، تېلېفونلاشتى، ئۆزئارا تېلېگرامما ئەۋەتتى.... باشلىقلار دىپلوماتىيەسى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر