باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇربان داۋۇت قاتارلىقلار «جۇڭگو قوراللىق ساقچى قىسىمى بويىچە ئون چوڭ سادىق قوغدىغۇچى» بولۇپ باھالاندى

2017.07.06 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-نۆۋەتلىك «جۇڭگو قوراللىق ساقچى قىسىمى بويىچە ئون چوڭ سادىق قوغدىغۇچى»نى باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى.

  يېڭىدىن باھالانغان «جۇڭگو قوراللىق ساقچى قىسىمى بويىچە ئوڭ چوڭ سادىق قوغدىغۇچى» ئىچىدە تاسادىپى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ مۇقىملىقنى قوغداش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلار؛ ھەربىي قورال-ياراغ ئىشلىتىش، ھەربىي مەشىق ۋە گۇمپىدا كامالەتكە يەتكەن، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان قوشۇننىڭ تىپىك ۋەكىللىرى، ئۇنىڭدىن باشقا ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئورنىدىن كەلگەن، خىزمەتتە تۆھپە كۆرسەتكەن ئىختىساس ئىگىلىرىمۇ بار. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت (ئىسىم-فامىلىسىنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە تىزىلدى) : قوراللىق ساقچى قىسىم تيەنجىن شەھەرلىك باش ئەترىتى بىنخەي يېڭى رايونى تارماق ئەترىتى ساقچى ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لېي، قوراللىق ساقچى قىسىم گەنسۇ ئۆلكىلىك باش ئەترىتى بىرىنچى تارماق ئەترىتى قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ بەنجاڭى تيەن گۈييوڭ، قوراللىق ساقچى قىسىم خېبېي ئۆلكىلىك باش ئەترىتى بىرىنچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى چۇاڭ، قوراللىق ساقچى قىسىم شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق باش ئەترىتى 2-تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ بەنجاڭى ياڭ يۈگاڭ، قوراللىق ساقچى قىسىم چىڭخەي ئۆلكىلىك باش ئەترىتى 2-تارماق ئەترىتى 17-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فۇشياڭ، قوراللىق ساقچى قىسىم خەينەن ئۆلكىلىك باش ئەترىتى بىرىنچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ تېڭفېي، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئەترىتى خوتەن ۋىلايەتلىك تارماق ئەترىتى 4-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ بەنجاڭى قۇربان داۋۇت، قوراللىق ساقچى قىسىم خېنەن ئۆلكىلىك باش ئەترىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى خۇ شياۋ، قوراللىق ساقچى قىسىم ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق باش ئەترىتى بىرىنچى تارماق ئەترىتى 5-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى خې شى، قوراللىق ساقچى قىسىم سەنشى ئۆلكىلىك باش ئەترىتى شۈجۇ شەھەرلىك تارماق ئەترىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چۇ شۈلياڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر