باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى

2017.07.06 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى رەسمى باشلاندى، ئالدى بىلەن تولۇق كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمى (0-تۈركۈمى)گە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ يىلقى تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمىگە شىنجاڭدىن جەمئىي 8669 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.

  تولۇق كۇرس ئالدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈركۈمى (تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمى) ھەربىي، ساقچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرىدىكىلەر؛ سەنئەت تۈرىدىكىلەر؛ تەنتەربىيە تۈرىدىكىلەر؛ پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە ھەقسىز نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار؛ تېببىي ئىلىم مەكتەپلىرىگە ھەقسىز نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا ئالدىن ئايرىم قوبۇل قىلىنىدىغان تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى (كەسىپلىرى)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پىلان بويىچە 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىي، ساقچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرىدىكىلەرگە 1221 نەپەر، سەنئەت تۈرىدىكىلەرگە 5031 نەپەر، ھەقسىز پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ھەقسىز تېببىي ئىلىم مەكتەپلىرىگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقىلار 2408 نەپەر.

  ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە «قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى» چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەت ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىنىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى باشقۇرۇش قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئۇچۇر ئاشكارىلاش تەلىپى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىشى كۈچەيتىلىپ، بەلگىلىمە، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر