- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 46 مىليون 143 مىڭ توننىغا يەتتى
2017.07.06 15:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 46 مىليون 143 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.2 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول سىستېمىسىدا 1-ئورۇندا تۇرغان.
بۇ يىل، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش نىشانى 95 مىليون توننا بولۇپ، 100 مىليون توننا تاماملاشقا تىرىشقان. بۇنىڭغا قارىتا ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى تۈك توشۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى تىرانسىپورت يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشكە تۈرتكە بولىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر