باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلى دەريا جىلغىسىدىكى تېز ئۆتۈش يولى قۇرۇلۇشى باشلاندى

غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان مۇساپە 170 كىلومېتىر قىسقىرايدۇ

2017.07.06 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ G577 لىنىيەسىدە جىڭدىن غۇلجىغىچە بولغان تاشيول قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش شىمالىي تەڭرىتاغنى كېسىپ ئۆتۈپ، 11.73 كىلومېتىر كېلىدىغان پەۋقۇلئاددە ئۇزۇن تونېل ئۆتمىسى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ بوستانلىق ھېسابلىنىدىغان ئىلى دەريا جىلغىسىنىڭ قولايلىق يولىنى قۇرۇپ چىقماقچى. بۇ تاشيولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 89.51 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، سېلىنىدىغان مەبلەغ 11 مىليارد 100 مىليون يۈەن مۆلچەرلەنگەن.

  ھازىر شىنجاڭدىكى ئىلى بىلەن بۆرتالادىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئەڭ چوڭ بوستانلىقنى تەڭرىتاغ تىزمىسى ئايرىپ تۇرماقتا. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەگەر تاشيولنى ئايلىنىپ ماڭسا، قار بورانلار، لاتقا-شېغىللىق ئېقىنلار ۋە تاغ قاپتاللىرىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، يىلىغا 40-50 قېتىمغىچە يول توسۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بېرەتتى، بۇنىڭ بىلەن، ئاپتوموبىللارنىڭ بۇ يولدا يىلىغا ئەمەلىي يۈرۈش ۋاقتى يېرىم يىلغىمۇ يەتمەيتتى.

  سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىرغا يېتىدىغان، تۆت ئاپتوموبىل پاراللىل ياندىشىپ ماڭالايدىغان، بىرىنچى دەرىجىلىك تېز سۈرئەتلىك يول قىلىپ لايىھەلەنگەن بۇ تاشيول پۈتكەندىن كېيىن، كەلگۈسىدە ئىلى دەريا جىلغىسىدىكى ھەر قايسى ناھىيەلەر بۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيول بىلەن تۇتىشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن، غۇلجا شەھىرىدىن چىقىپ شەرققە قاراپ يۈرسە، جىڭ ناھىيەسىدىن G30 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىققىلى بولىدىكەن، ھەمدە ئۇنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگىچە بولغان يول مۇساپىسى 170 كىلومېتىر ئەتراپىدا قىسقىرايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر