باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا قاتار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسىدە بۇرۇلۇش بولارمۇ؟

2017.07.05 15:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەمەلدار 3-ئىيۇل قاتارنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئالىسانى شۇ كۈنى كۇۋەيتنىڭ ئەمىرىگە قاتارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق تۆت دۆلەت بەرگەن مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرتى ھەققىدىكى رەسمىي جاۋابىنى سۇندى، دېدى. كۇۋەيت ئاگېنتلىقى ۋە قاتار ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ئۇچۇرنى ئىسپاتلىدى، ئەمما جاۋابنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدى.

  كۇۋەيتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرغا: قاتارنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى كۇۋەيتتە قىسقا مۇددەت زىيارەتتە بولۇپ، قاتارنىڭ ئاخىرقى جاۋابىنى كۇۋەيت ئەمىرى ساباخقا تاپشۇرۇپ بەردى، دېدى. قاتار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش دولقۇنى قوزغالغاندىن كېيىن، ساباخ ئاساسلىق ياراشتۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاقىدار دۆلەتلەر ئارىسىدا بېرىپ كېلىپ سۆھبەتنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

  كۇۋەيت ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتارنىڭ ئاخىرقى جاۋابى قاتار ئەمىرى تامىمنىڭ خېتى بولۇپ، كۇۋەيت ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق تۆت دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.

  قاتار جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇشتىن بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى 13 شەرتنى ئوتتۇرىغا قويغان سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلىپ، قاتارنىڭ بۇ تۆت دۆلەتنىڭ تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئاخىرقى مۇددىتىنى 48 سائەت ئۇزارتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ تۆت دۆلەت ئىلگىرى چىقارغان ئۇلتىماتۇمنىڭ مۇددىتى 2- ئىيۇل كەچكىچە ئىدى.

  تۆت دۆلەت باياناتىدا مۇنداق دېدى: مۇددەتنى ئۇزارتىشتىكى مەقسەت- كۇۋەيتنىڭ تەكلىپى ئاساسىدا بولدى، سەۋەب قاتار ھۆكۈمىتى 3-ئىيۇل رەسمىي جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى، تۆت دۆلەت بۇ تەلەپكە قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: تۆت دۆلەت قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ھەم مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن كونكرېت جاۋاب قايتۇرىدۇ.

  مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەخمەد ئەبۇ زايىد مۇنداق دېدى: تۆت دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 5-ئىيۇل قاھىرەدە يىغىن ئېچىپ، قاتارغا كېيىنكى قەدەمدە قانداق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى مەسلىھەتلىشىدۇ.

  ئامېرىكا ئاق سارىيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ دونالد ترامپ قاتارنىڭ ئەمىرى، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبىنىڭ پادىشاھ ۋارسى بىلەن ئايرىم ئايرىم تېلېفونلىشىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلىشىشقا دەۋەت قىلدى ھەمدە تېررورچىلارغا مەبلەغ جەھەتتە ياردەم بېرىشنى توختىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قايتا تەكىتلىدى. ترامپ ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر قاتار ئۇزاق مۇددەت تېررورلۇق ھەرىكىتىگە مەبلەغ جەھەتتە ياردەم بېرىۋاتىدۇ دەپ قارىدى، قاتار بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلدى.

  كېرىمىل سارىيىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ قاتار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى ياراشتۇرۇشقا قاتناشقان، ئۇ قاتار ئەمىرى تامىم ۋە بەھرەين پادىشاھى خاماد بىلەن ئايرىم ئايرىم تېلېفونلىشىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىۋاسىتە سۆزلىشىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

  قاتار تەرەپنىڭ بەرگەن جاۋابى تېخى ئاممىغا ئاشكارىلانمىدى. بىراق، قاتار يېقىندا چىقارغان بىر يۈرۈش ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، قاتارنىڭ بۇ 13 شەرتنى قوبۇل قىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن.

  قاتارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خالىد بېن مۇھەممەد ئاتىيا 3-ئىيۇل ئەنگلىيە بوشلۇق خەۋەرلەر قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: قاتار ھەر قانداق ئادەم ئۆز مەيلىچە تۇتۇۋالىدىغان دۆلەت ئەمەس. بىزنىڭ تەييارلىقىمىز پۈتتى. بىز دۆلىتىمىزنى قوغداشقا تەييارلىنىپ بولدۇق. مەن ۋەزىيەتنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش باسقۇچىغا تەرەققىي قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  قاتارنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى مۇھەممەد 1-ئىيۇل رىمدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ قاتارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيانلىق، تېررورىزمغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلمىغان. بۇ تىزىملىكنى لايىھەلەشنىڭ مەقسىتى كىشىلەرگە قوبۇل قىلغۇزۇش ياكى سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن بولماستىن بەلكى كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. ئۇ قاتار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قورال ئىشلىتىشىدىن ئەنسىرەمدۇ يۈك دېگەن سوئالغا ناھايىتى قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن: بىز ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەتتىن قورقۇپ قالمايمىز، قاتار بارلىق ئاقىۋەتلەرگە تەييارلىنىپ بولدى دېدى.

  5 -ئىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر قاتارنى «تېررورلۇقنى قوللىدى»، «رايون بىخەتەرلىكىنى بۇزدى» دېگەننى باھانە قىلىپ، قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى ۋە قامال قىلدى. ئارقىدىن يەنە بىر قانچە دۆلەت قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  يېقىندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق تۆت دۆلەت كۇۋەيت ئارقىلىق قاتارغا 13 تەلەپ قويۇپ، بۇنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ شەرتى قىلدى ھەمدە قاتاردىن بۇ تەلەپلەرگە ئون كۈن ئىچىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەلەپلەر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قاتار ئىراندىكى دىپلوماتلىرىنى چېكىندۈرۈش، ئىران بىلەن بولغان بارلىق ھەربىي ھەمكارلىقىنى توختىتىش، يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەمدە ئۇنىڭغا قاراشلىق بارلىق قاناللارنى تاقاش، قاتار تەۋەسىدە تۈركىيە ھەربىي بازىسى قۇرۇشنى توختىتىش.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق تۆت دۆلەت مۇنداق دېدى: بۇ شەرتلەرنى مەسلىھەتلىشىپ ئولتۇرمايمىز، ناۋادا قاتار ماقۇل بولمىسا، بىز يېڭىدىن جازا قوللىنىمىز. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رۇسىيەدىكى باش ئەلچىسى ئالدىنقى ھەپتە زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: پارس قولتۇقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر باشقا شېرىكلىرىنى قاتار بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشنى چەكلەش ھەققىدە خەۋەردار قىلىپ قويۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئاشكارىلىغان.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەنۋەر قارىقاش مۇنداق دېدى: پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر كېيىكى قەدەمدە توقۇنۇشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈۋېتىش ئەمەس بەلكى ھەر كىم خالىغان يولغا مېڭىش تەدبىرىنى قوللىنىپ قاتارنى پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىدىن چىقىرىۋېتىشتىن بېشارەت بېرىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر