باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شايار ناھىيەسىدە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كىرىم يولى كۆپەيتىلدى

2017.07.05 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 2-كۈنى شايار ناھىيە قىزىلبايراق بازىرىدا، شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى شىركىتى بىلەن ئەمگەك مۇلازىمىتى بويىچە توختام تۈزۈش يىغىنى ئېچىلدى. شۇ كۈنى، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان چاڭشېڭ بىناكارلىقى، شىنجاڭ يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى قاتارلىق يەتتە كارخانا قىزىلبايراق بازىرىدىكى 154 يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى بىلەن ئەمگەك مۇلازىمىتى توختىمى تۈزۈپ، نەق مەيداندا 85 ئادەم بىلەن ئىشچى ئىشلىتىش توغرىسىدا كېلىشتى.

  قىزىلبايراق بازىرى بازار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق نامرات ئاھالە ئۆمەر پەتتار مۇنداق دېدى: ئۆيدە چوڭ-كىچىك ئالتە جان، ئاران 1.8 مو يەر بار، كۈنىمىز تەستە ئۆتىدۇ. ئىلگىرى ئۆزۈم باشقىلارغا ياردەملىشىپ ئۆي سېلىشىپ بېرەتتىم، بۈگۈن مەن بازىرىمىزدا قۇرۇلۇش قىلىدىغان كارخانا بىلەن ئەمگەك كېلىشىمى ئىمزالىدىم، موتوسېكىلىت بىلەن نەچچە مىنۇتتىلا بېرىپ كەلگىلى بولىدۇ، ئىشلەشمۇ ئىنتايىن قولايلىق، بىر ئايدا 3500 يۈەن تاپالايمەن، بىر نەچچە ئايدا كىرىمىم ئالدىنقى يىلدىكىدىن نەچچە ھەسسە قاتلىنىدىغان بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇنداق ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرگىنىگە رەھمەت. ئىشىنىمەنكى يىل ئاخىرىدا چوقۇم ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلالايمەن».

  ئىگىلىنىشىچە، قىزىلبايراق بازىرىنىڭ ئۆزگىچە كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى ئۈچ يىلغا بۆلۈپ تاماملىنىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە قاتناش، يول-كۆۋرۈك، ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق بەش تۈردە ئىش باشلانغان. كېيىنكى مەزگىلدە يەنە تەخمىنەن 30دەك تۈردە ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلىنىدىغان بولۇپ، 800 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدىكەن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، قىزىلبايراق بازىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىچە كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان «ئاساسىي بازا»، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنىڭ «ئاساسىي جەڭ مەيدانى» قىلىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى ئەمگەك مۇلازىمىتى بويىچە توختاملىشىش يىغىنىدا يەرلىكنىڭ تەرتىپلىك يېتەكلىشىدە، ھازىرغىچە 123 ئېشىنچا ئەمگەكچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كىرىم يولى كۆپەيتىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ئۇل سېلىنغان.

  (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكبەر مەمەت خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر