باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدە تارقىتىلغان ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسى ئاممىغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى

2017.07.05 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باي ناھىيەلىك ئىجتىمائى سۇغۇرتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى «ئىجتىمائى سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» ۋە «ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسىغا يېقىن بۇلۇش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى تۇتقا قىلىپ، ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. ئالاقە تورىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا بىرلەشتۈرۈپ ھەمدە ئۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدىنىپ، بالدۇر پىلانلاپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، پۇل مۇئامىلە ۋە داۋالاش-سەھىيە قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۆپ تەرەپتىن ئەتراپلىق ئىشلەپ، ھازىرغا قەدەر ناھىيەدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىگە ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسىدىن 130 مىڭ دانىدىن ئارتۇق تارقىتىشنى ھاۋالە قىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىغا قولايلىق ياراتتى.

  ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسى بولسا سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما بىلىدىغان «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى» بۇلۇپ، ئىلگىرى پەقەت «بېكىتىلگەن دوختۇرخانا، بېكىتىلگەن دورىخانىلار»دىلا كېسەل كۆرسەتكىلى ۋە دورا ئالغىلى بولاتتى. ھازىر ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسى ئارقىلىق دورا ئالغىلى، كېسەل كۆرسەتكىلى يەنە تۈرلۈك ئىجتىمائى سۇغۇرتا راسخودى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگىلى، باشقا جايلاردىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالانسىمۇ دەل ۋاقىتتا ھېسابات قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە بانكا كارتىسىدىكى ھەممە ئىقتىدارلار ھازىرلانغان بۇلۇپ، ئىشلىتىلىشى تېخىمۇ كەڭ. باي ناھىيە بازىرى ئاھالىسى مەريەم غۇجىئابلا مۇنداق دېدى: ھازىر ئىجتىمائي سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ ئىقتىدارى بەك كۆپ، ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسىنى ئىشلىتىپ پۇل ساقلىغىلى، پۇل ئالغىلى، كارتىنى سۈرۈپ دورا سېتىۋالغىلى، كېسەل كۆرسەتكىلى بولىدۇ. ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ناھايىتى كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

  ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ ئىقتىدارى مۇكەممەللەشكەندىن كېيىن، ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ رولىنى تېخىمۇ كۆپ جارى قىلدۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلىتىشىنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ناھىيەلىك ئىجتىمائى سۇغۇرتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا مەخسۇس مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلىپ،ئاممىنىڭ ماڭىدىغان يولىنى قىسقارتىپ، ئۇلارغا ئوڭايلىق يارىتىپ بەردى.

  ھازىر ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ ئەسلىدىكى داۋالىنىش ھېساباتىنى قىلىش ئىقتىدارى ئاساسىدا، كارتىنىڭ ئىقتىدارى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىپ، ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسىدا ئىنتايىن كۆپ ئىقتىدارلار بار بولدى، كارتا ئارقىلىق پېنسىيە پۇلىنىمۇ ئالغىلى بولىدۇ. دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش، تەكشۈرتۈش، دورا ئېلىش، دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ھېساباتىنى قىلىش قاتارلىق ئىقىتىدارلارنى ھازىرلاپ، ئاممىغا ناھايىتى كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

  (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان روزى خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر