باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ساياھەتچىلىكتىن پۇل تېپىش» __ نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپ ئامما باغراش ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشماقتا

يېزا ساياھىتى قىزغىنلىقى زۇمرەتتەك سۈزۈك كۆلنى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدۈردى

2017.07.05 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆيى باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۇلان زەكسىن يېزىسى داخىكو شەرقىي كەنتىدىكى لى يىڭ 2015-يىلى داخىكو شەرقىي كەنتىدە «كونا بېلىقچى» سەھرا ئارامگاھىنى قۇرغانىدى، شۇ جايدا ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇلىنىپ، بىر كۈندە 200دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. لى يىڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن چۈشتىن تارتىپ كەچكىچە تولۇق زاكاس ئالدۇق». بۇ يىل، «كونا بېلىقچى» سەھرا ئارامگاھى ئاپتونوم رايون بويىچە 3-دەرىجىلىك سەيلىگاھ بولۇپ باھالىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ 50 مىڭ يۈەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلىنىڭ 5 ئا دەرىجىلىك مەنزىرىلىك رايون بولۇش ئارتۇقچىلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 520 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ساياھەت تۈرى بويىچە مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشى ۋە يادرولۇق ساياھەت مەنزىرە رايون قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئارقا-ئارقىدىن داخېكو، ليەنخەي دۇنياسى قاتارلىق 13 يادرولۇق ساياھەت مەنزىرە رايونىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ناھىيە يەنە قۇم تېيىلىش، ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، دالىدا تۈنەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تاماشا قىلىش قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ كۆل بويىدىن ئەتراپقا، ناھىيە بازىرىدىن ئەتراپتىكى يېزىلارغا كېڭىيىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 2016-يىلى باغراش ناھىيەسى ساياھەت كەسپى كىرىمىنى 133 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئالدىنقى يىلىدىكىگە قارىغاندا %25 ئاشۇردى. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ ناھىيەدە ساياھەت كەسپىگە ئائىت خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار 2500 دىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
【1】 【2】 【3】 【4】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر