خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئىيۇل بېرلىندا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن جۇڭگو-گېرمانىيە ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول دوستلۇق مۇسابىقىسىنى كۆرمەكتە.
7- ئايدىكى بېرلىن، قۇياش نۇرى چاقناپ تۇرماقتا، ھەممە يەر يېشىلچىلىق.
شى جىنپىڭ ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەن ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىغا يېتىپ كەلگەن، مېركىل ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا كۈتۈپ تۇرغان بىر كۆرۈنۈش. شى جىنپىڭ، پېڭ لىيۈەن ۋە مېركىل بىرلىكتە كارىدورغا بېرىپ، گېرمانىيە پۇتبول ساھەسىدىكى زاتلاردىن دوستانە تىنچ-ئامانلىق سورىدى، ھەمدە «جۇڭگو-گېرمانىيە مەكتەپ پۇتبول ھەمكارلىقى»نىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ، پېڭ لىيۈەن ۋە مېركىل پۇتبول مەيدانى مەركىزىگە بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ شاكىچىك توپچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ شاكىچىك توپچىلارغا مۇنداق دېدى: سىلەر جۇڭگو-گېرمانىيە پۇتبول ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا جۇڭگو-گېرمانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرى. سىلەر ئىتتىپاقلىق ۋە قەيسەرلىككە تولغان مۇشۇنداق روھىڭلارنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، پۇتبول ماھارىتىنى ئوبدان ئۆگىنىپ، تەجرىبەڭلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، ياخشى دوست ۋە ھەمراھ بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى