باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2017.07.06 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئىقتىسادى تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان خامچوت ئىجراسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ زور سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئۈنۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى؛ مال ئوبوروت تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىش بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاممىۋىي مەبلەغ مەنبەسىنى ئوبدان باشقۇرۇش- ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئوبدان جارى قىلدۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش، خەلق تۇرمۇشىنىڭ باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىندا 2016-يىللىق مەركەز مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى ئىقتىسادى تەپتىش قىلىش نەتىجىسى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى. كېيىنكى قەدەمدە، ئىقتىسادى تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، مەبلەغ ئىشلىتىش قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ۋاقىت بەلگىلەپ، تۈرلەر بويىچە تۈزەش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: " جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرى"گە ئاساسەن، رايونلار، تارماقلار مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 2013-يىلىدىن بۇيان، مەركەز قاتلىمىدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنىڭ سانى %90تىن كۆپرەك ئازايتىلدى، ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە قارىغاندا بېجىرىش ۋاقتىمۇ %90تىن ئارتۇق قىسقىرىغان، ئالاقىدار ئىسلاھات تەدبىرلىرى جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كەمتۈكنى تولۇقلاش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. يىغىندا كېيىنكى قەدەمدە مۇھىم نۇقتىنى مەبلەغ سوبيېكتلىرىنى نامۇۋاپىق چەكلەش ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: مال ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش- تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، بۇ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: يىل ئىچىدە ئۆلكە ھالقىيدىغان چوڭ يۈك تىرانسپورت ئىجازىتىنى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇش، بىر جايدا بىر كىنىشكا بېجىرىش، پۈتۈن لىنىيەدە ئاقىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تېز يەتكۈزۈشنى سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىشتىكى بىر كىنىشكىدە كۆپ ئادرېس بولۇش ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇپ، شۆبە، تارماق ئورگانلارغا ئارخىپ تۇرغۇزۇش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ بېرىش لازىم. يىل ئىچىدە مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتۈشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ، ماللارنىڭ ئۆتۈش ۋاقتىنى 3تىن 1 قىسىم قىسقارتىش. يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىن ئۆتۈش ھەققىنىڭ ي كۆپەيمە قىممەت بېجىغا بىر تۇتاش ئېلېكتىرونلۇق تالون كېسىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تاشيول مال تىرانسپورت قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تاشيوللاردىكى چەكتىن ئاشۇرۇشنى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا ھاۋالە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، قاتناش تارماقلىرى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈگىتىشنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچىلىرى جەرىمانە قويۇپ نومۇر تارتىشنى مۇستەقىل يولغا قويىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش قېلىپىنى دائىملاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈشى، تەكرار جەرىمانە قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر