باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر قاتارلىق تۆت دۆلەت قاتارنىڭ 13 نۇقتىلىق تەلەپكە قايتۇرغان جاۋابىدىن نارازى بولدى

2017.07.06 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرايىننڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 5-ئىيۇل قاھىرەدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: قاتارنىڭ تۆت دۆلەتنىڭ 13 نۇقتىلىق تەلىپىگە قايتۇرغان جاۋابى كىشىنى رازى قىلالمىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: قاتارنىڭ قايتۇرغان جاۋابىدا ئەمەلىي مەزمۇنلار كەمچىل بولۇپ، تۆت دۆلەتنى رازى قىلالمىدى.

  مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى شۇكۇر مۇنداق دېدى: تۆت دۆلەت قاتارنىڭ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى قوللاش ئۇسۇلىغا قىلچىمۇ چىداپ تۇرالمايدۇ. تۆت دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يېقىندا بەھرايىندا كېيىنكى قەدەمدىكى تەدبىرلەرنى قايتا مەسلىھەتلەشمەكچى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇبەر مۇنداق دېدى: تۆت دۆلەت مۇۋاپىق ۋاقىتتا قاتارنىڭ جاۋابىغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، ھازىر قاتارغا يولغا قويۇلغان جازا داۋاملىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر