باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۆلىتىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنىڭ 65 يىللىق شانلىق نەتىجىسىنى تەقدىرلىدى

2017.07.06 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە «ئىجتىمائىي ساغلاملىقنى تۈزەشتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۈلگە مۇكاپاتى»نى تارقىتىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىدە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرىنى تەقدىرلىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 1952-يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت قاتنىشىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چۇما قاتارلىق ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، چېچەك قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى يوقىتىپ، ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردىكى يەرلىك كېسەللىكلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقاتقان. كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 2015-يىلى 76.3 ياشقا يېتىپ، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى 2016-يىلى %7.5 كە تۆۋەنلەپ، ئوتتۇرىھال تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يېتىپ، ب د ت نىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر