باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«يېڭى سۆزلىشىش، جۇڭگو ئىقتىسادى ئالاھىدە سانى»نىڭ تۇنجى تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2017.07.06 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتخانىسى بىلەن رۇسىيە خەۋەرلەر گېزىتخانىسى ھەمكارلىشىپ چىقارغان «يېڭى سۆزلىشىش، جۇڭگو ئىقتىسادى ئالاھىدە سانى»نىڭ تۇنجى تارقىتىش پائالىيىتى تۈنۈگۈن موسكىۋا تىنچلىق يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  رۇسىيە فېدېراتسىيە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە تاراتقۇ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سىمىرنوف سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت 3-نۆۋەتلىك رۇسىيە جۇڭگو تاراتقۇ مۇنبىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، بۇنىڭدىن ئاۋۋال رۇسىيە جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ تىرىشىپ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئىقتىسادى خەۋەرلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى- «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ قېتىمقى تاراتقۇ ھەمكارلىقى ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ئۇچۇرلىرىنى تېزلىكتە شۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولغانلارغا يەتكۈزۈپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىگىلىنىشىچە، «يېڭى سۆزلىشىش، جۇڭگو ئىقتىساد ئالاھىدە سانى» ئىقتىساد سودا، ۋەزىيەت، مەدەنىيەت، مودا قاتارلىق نۇقتىلاردىن جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئالماشتۇرۇشىدىكى ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە خەلقلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىدىكى يېڭى كۆۋرۈك بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر