- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوللاندىيە MH17 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدىكى جاۋابكارنىڭ گوللاندىيەدە سوتلىنىشقا...
2017.07.06 14:07 مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى
گوللاندىيە MH17 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدىكى جاۋابكارنىڭ گوللاندىيەدە سوتلىنىشقا قوشۇلدى
گوللاندىيە ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل مۇنۇلارنى جاكارلىدى: مالايشىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH17 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن بەش دۆلەت بۇ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە مەسئۇلىيىتى بار كىشىنىڭ گوللاندىيەدە سوتلىنىشقا قوشۇلدى.
گوللاندىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: گوللاندىيەنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىنى تاللاش MH17 بەلگىلىك ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدىكى مەسئۇل كىشىنى سوتلاشتىكى مۇھىم بىر قەدەم. باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە كىمنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش يەنىلا داۋاملاشماقتا. گوللاندىيە ئاممىۋى تەپتىش ئەمەلدارى ئىشخانىسى مۇۋاپىق ۋاقىتتا، دېلونىڭ سوتلىنىشى ئۈستىدە مۇۋاپىق قارار چىقىرىدۇ.
2014-يىلى 17-ئىيۇل MH17 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى گوللاندىيەنىڭ ئامستېردامدىن مالايشىيانىڭ كۇئالالۇمپۇرغا قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە يېقىن چېگراسى ئەتراپىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 298 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان ئىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر