باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كەلگۈسىگە باشلامچىلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇر

-رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى گېرمانىيەدە قىزغىن قوزغىدى

2017.07.06 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەمدە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئىيۇل گېرمانىيەدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردا « تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا ئۈچۈن» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. شى جىنپىڭ ماقالىسىدە، جۇڭگو گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى ھەمدە 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىغا قارىتا ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  گېرمانىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دولىف شالپىن ھازىر بىر ئىستراتېگىيەلىك مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنى باشقۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرى بار، بۇ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈش مەيلى يەر شارى تىل شارائىتىدا بولسۇن ۋەياكى ياۋروپا ئاسىيا مۇناسىۋىتى ۋە گېرمانىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە بولسۇن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شالپىن مۇنداق دېدى: كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان يەر شارىلاشتۇرۇش ئالاھىدە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى ھەم خېيىم-خەتەرمۇ ئېلىپ كەلدى. مۇشۇنداق دۇنيادا، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو مۇقىم ۋە ئىشىنىشتەك لەڭگەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن گېرمانىيە بېرلىن دۇنيا ئىقتىسادى تەتقىقات ئورنى خەلقئارا ئىقتىسادى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى كىرسىتىئان دىرىگىر مۇنداق دېدى: گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشقا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۈگۈنكى دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن ئاساسلىق خىرىس قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ۋەزىيەتنىڭ ئېشىشىنى قوغداش. ئىقتىسادنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم موتور بولسا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش، ئالايلۇق، «بىر بەلباغ بىر يول» رامكىسىدىكى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش. بۇ نۆۋەتلىك 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى تاۋار ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ خەلقئارا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىشى كېرەك.

  گېرمانىيە مىركاتور فوندى جەمئىيىتى جۇڭگو تۈرىنىڭ مۇدىرى مارك بىلىمەن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ماقالىسىدە گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق ئالاقە ۋە تۈرلۈك ھەمكارلىق مېخانىزمى، سۆزلىشىش مېخانىزمىنى تىلغا ئالدى، بۇ مېخانىزملار بىزنىڭ ئۆتكەن نەچچە يىلدا گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو ۋە ياۋروپا جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزۇلغان. گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ھۆكۈمەت تەرەپ ۋە ئەلئارا كۈچلىرىنىڭ ئالاقىسى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم رامكىسىنى شەكىللەندۈردى. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، بارلىق قاتلاملاردىكى ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» بۇ جەھەتتە ھالقىلىق تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاقىللار ئامبىرى شېللىر تەتقىقات ئورنىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە قۇرغۇچىسى رالۇش مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو ئۇيۇشتۇرغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ خاڭجۇ باشلىقلار ئۇچرىشىدىكى ئىناقلىق روھىنى ھامبۇرگقا ئېلىپ كەلدى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسى بۇ نۆۋەتلىك 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ مۇھىم قارالمىسىنىڭ بىرى، جۇڭگو مەبلەغ سېلىپ تۆمۈريول، توغان، ئېلېكتىر ئىستانسىسى، سانائەت باغچە رايونى قۇرۇش ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەمگەكچى نوپۇسنى تەربىيەلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مۇساپىرلار مەسىلىسىنى مەنبەيىدىن ھەقىقىي ھەل قىلىدۇ. ئەگەر ياۋروپا ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇسۇلى بىلەن مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ھەل قىلماقچى بولسا، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى كېرەك.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى گېرمانىيەنىڭ سودا ساھەسىدىكىلەر ۋە ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغاپلا قالماستىن يەنە، گېرمانىيە خەلق ئاممىسى توردا بۇنى مۇھاكىمە قىلدى. فىرىتىز كى ئىسىملىك بىر تورداش باھا يېزىپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ماقالىسىگە رەھمەت. بۇ يېقىنقى بىر مەزگىلدىكى سىياسىي يارقىن نۇقتا. « دوكتور خەستمەن» ئىسىملىك تورداش سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەر بىر سۆزىدىن مەن ئۇنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن باشقا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشى توغرىسىدا قالايمىقان سۆزلەرنى قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگوغا ھەۋەس قىلىمەن. «كىلاۋس دابىلىيو» ئىسىملىك بىر تورداش سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ئالاھىدە ماقالە ئېلان قىلدى، مەن ئۇنى ھۆرمەتلەيمەن.

  گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋە گېرمانىيەدىكى «فىرانكىفورد گېزىتى » تور بېكىتى قاتارلىق تاراتقۇلار 4-ئىيۇل رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىنى خەۋەر قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر