باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئالغان پوسكام دېھقانلىرىنىڭ دۆلەتكە يازلىق ئاشلىق سېتىپ بېرىش قىزغىنلىقى يۇقۇرى بولدى

2017.07.06 16:22   مەنبە: خەلق تورى

بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئالغان پوسكام  دېھقانلىرىنىڭ دۆلەتكە يازلىق ئاشلىق سېتىپ بېرىش قىزغىنلىقى يۇقۇرى بولدى

  سۈرەتتە: 7-ئاينىڭ 5-كۇنى كۈيباغ ۋە ئاقتام يېزىلىرىدىكى دېھقانلار دۆلەتكە يازلىق ئاشلىق سېتىپ بېرىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونۇم رايون بويىچە تاۋار ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىش بازىلىرنىڭ بىرى بولغان پوسكام ناھىيەسى بۇ يىل ناھىيە بويىچە تېرىلغان 200 مىڭ موغا يېقىن كۆلەمدىكى بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئىلىپ، دېھقانلارنىڭ دۆلەتكە يازلىق ئاشلىق سېتىپ بېرىش قىزغىنلىقى يۇقۇرى بولدى.

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز 7-ئاينىڭ 5-كۇنى ئەتىگەندە كۈيباغ يېزىلىق ئاشلىق سېتىپ بېرىش پونكىتىدا دۆلەتكە يازلىق ئاشلىق سېتىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن دېھقاننىڭ ماشىنا، تىراكتور، ئات-ئۇلاغ ھارۋىلىرى بىلەن ئۆچىرەتتە تۇرغانلىقىنى، سېتىۋىلىش خادىملىرىنىڭ دېھقانلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، پىرىيۇم قىلىش، جىڭلاش، ھېسابلاش، كارتىغا پۇل ئۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ دېھقانلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئىگىلىنىشىچە بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلار بۇ يىل دۆلەتكە 40 مىڭ توننىغا يېقىن يازلىق ئاشلىق سېتىپ بېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، يازلىق ئاشلىقتىن كۆڭۈلدىكىدەك مول ھوسۇل ئالغان دېھقانلارنىڭ دۆلەتكە يازلىق ئاشلىق سېتىپ بېرىش قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئېشىپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولغان بىرقانچە كۈن ئىچىدە دۆلەتكە دەسلەپكى قەدەمدە 10 مىڭ توننىغا يىقىن يازلىق ئاشلىق سېتىپ بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ش ئۇ ئار نىڭ ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 5-ئىيۇل باشلاندى
    ·2017-يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى…
    ·8-ئايدا 4387 يېزا قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە تارىخ دېگەندەك پەنلەر ئوقۇتۇشىدا چوقۇم…
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەقسىز دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ 
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلىنىدۇ
    ·شىنجاڭدا بەش يىلدا 60 مىڭدىن ئارتۇق يېزا قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىندى
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن سائەت 22 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئېلان قىلىنىدۇ
    ·مەركەز 72 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قوش…