باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن خېنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئاممىنى بېيىتىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلاندۇرۇش كېرەك

2017.07.06 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن خېنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئاممىنى بېيىتىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلاندۇرۇش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن 7-ئاينىڭ 3-كۈندىن 5-كۈنىگىچە جىيۈەن، سەنمېنشيادىكى يېزا، مەھەللە، كارخانا ۋە ئورگانلارغا بېرىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ليۇ يۈنشەن خېنەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ليۇ يۈنشەن سەنمېنشيا شەھىرىنىڭ شىنپىڭ كەنتى، مىنۋەن كەنتى، داڭجيا كەنتى، يۈنىخې كەنتىگە بېرىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، شۇنداقلا نامرات ئائىلىلەر ۋە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى يوقلىدى. ئامما ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ياخشى دەۋردە ياشاۋاتقانلىقى، پارتىيەنىڭ يۆلەش سىياسەتلىرىدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىپ، ئۈمىدكە تولغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: «ئاممىنى بېيىتىپ، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش-پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىيىتى. پارتىيەلىك كادىرلار نامرات ئاممىنى تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆز ئىشىم دەپ بىلىپ، سەمىمىيەتكە تولغان ھېسسىياتى بىلەن نامراتلارنى يۆلەپ، < كەشتە تىكىش > تەك ماھارىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بۇ ئەلرايى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك». جىيۈەن شەھىرىنىڭ خۇاشى كەنتى، «لۇجيالىڭ» مېۋە-كۆكتات تېرىش بازىسى ۋە سەنمېنشيا «ئېرشەنپو» يېشىل مېۋىچىلىك شىركىتىدە، ليۇ يۈنشەن يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشتەك ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ھەم قان بېرىش، ھەم قان ھاسىل قىلىش كېرەك، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.»

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر