باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە روھلاندۇرۇش دورىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىتىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

2017.07.07 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئىيۇل، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ئىستىلى، ئىنتىزامى ۋە روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش خىزمەت يىغىنى تيەنجىندە ئېچىلدى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇ جۇڭۋېن يىغىندا مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك تەنتەربىيە سىستېمىسى ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ ۋە تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تاقەت قىلماسلىقتەك قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى ۋە تېخىمۇ قاتتىق بولغان جازالاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، مۇسابىقە ئىستىلى ۋە ئىنتىزامى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى، ھەمدە روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئىستىلى دۇرۇس ۋە پاك بولغان بۇ بىر نۆۋەتللىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئوبدان ئۆتكۈزۈشىگە تىرىشايلى.

  13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى مەزگىلىدە روھلاندۇرۇش دورىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىتىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى روھلاندۇرۇش دورىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىتىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى باش بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە ھەر قايسى تەنھەرىكەت تۈرىنى باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىقلار بىلەن 13 ـ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ئىستىلى ۋە ئىنتىزامىغا ئائىت خىزمەتلىرى، ھەمدە روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى دېگەندەك خىزمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنامىسىغا ئىمزا قويۇشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر