باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ جاي جامائەت فوندىنى باشقا جايغا يۆتكەش ۋە ئۇنى چىقىرىۋېلىش سىستېمىسىنىڭ مەملىكەتلىك ئورتاق سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

تۇرالغۇ جاي جامائەت فوندىنىڭ ھېساباتى باشقا جايغا يۆتكەلگۈچىگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2017.07.07 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، تۇرالغۇ جاي جامائەت فوندى ھېسابتىنىڭ باشقا جايغا يۆتكىلىشى ۋە ئۇنى چىقىرىۋېلىش سىستېمىسىنىڭ مەملىكەتلىك ئورتاق سۇپىسى پۈتكەن ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، 6 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق تۇرالغۇ جاي جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزلىرى بىردەك بۇ سۇپىغا ئۇلىنىنىدىكەن. 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، تۇرالغۇ جاي جامائەت فوندى ھېساباتىنى باشقا جايغا يۆتكەش ۋە شۇ يۆتكەلگەن جايدىن چىقىرىۋېلىش مۇلازىمىتىدىكى كەسپى ئىشلارنى پۈتۈنلەي بۇ سۇپا ئارقىلىق بېجىرىشكە بولىدىكەن.

  تۇرالغۇ جاي جامائەت فوندى ھېساباتىنى باشقا جايغا يۆتكەش ۋە شۇ يۆتكەلگەن جايدىن چىقىرىۋېلىش سۇپىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىشكە سېلىنىشى تۇرالغۇ جاي جامائەت فوندىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا «ھېسابات ئادەمگە ئەگىشىپ مېڭىش، پۇل ھېساباتقا ئەگىشىپ مېڭىش»نىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان. رايون ھالقىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە شۇ ئىشلەۋاتقان جاينىڭ ئۆزىدە تۇرالغۇ جاي جامائەت فوندى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر رەسمىيەتلىرى تولۇق بولغان ۋە يۆتكەپ كېلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئورۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولغان ئەھۋال ئاستىدا، تۇرالغۇ جاي جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە ئىلتىماس قىلىپ، بۇ سۇپا ئارقىلىق مەزكۇر كەسپكە ئائىت ئىشلارنى بېجىرىشكە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر