7- ئاينىڭ 5- كۈنى، بىر ساياھەتچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا داپنى سىناپ چېلىپ باقماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياز پەسللىك ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى جايلاردىن كەلگەن زور بىر تۈركۈم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 6-ئايدا شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 210 نەچچە مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا مىللىي سودا، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، بۇ جاي شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرى توپلاشقان ۋە كۆرگەزمە مەركىزى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى