باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئار نىڭ ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 5-ئىيۇل باشلاندى

2017.07.06 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 5-ئىيۇل رەسمىي باشلانغان. بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغانلار ئومۇمىي سانى 150مىڭدىن ئاشىدىكەن، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا كۆپىيىدىكەن.

  بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا داۋاملىق توردا قوبۇل قىلىشنى يولغا قويۇپ، 5-ئىيۇل رەسمىي باشلىغان، شىنجاڭغا يۈزلەنگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان شىنجاڭنىڭ ئىچى سىرتىدىكى ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەر 1497، بىر تۇتاش قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى 151مىڭ 800 بولۇپ، ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا 16مىڭ ئادەم كۆپەيگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىنىدىغانلار 6مىڭدىن، مەخسۇس كۇرسقا 9مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا كۆپىيىدىكەن.

  بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 183مىڭ 700 بولۇپ، ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا، 17مىڭ 600 ئادەم كۆپەيگەن، ئىجتىمائىي پەن بويىچە خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ 1-تۈركۈمگە قوبۇل قىلىنىش نومۇر چېكى 486 بولۇپ، ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا بىر نومۇر