باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە تارىخى مۇتەخەسسىسلىرى: ئاتالمىش ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تىياتىرى، دەپ ئىشلەپ چىقىلغان بەزى «بىمەنە تىياتىر»لار ھەممىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ

2017.07.07 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىشتان ئېغىغا مىنا يوشۇرۇش، ياپون ئەسكەرلىرىنى قولدا يىرتىش، بىر قولدىلا يۈرەكنى سۇغۇرۇۋېلىش، تاش بىلەن ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈش... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان «بىمەنە تىياتىر»لار، يەنى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋەقەلىرى مەزمۇن قىلىنغان، ئەمما تىياتىردىكى ۋەقەلىكلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان «بىمەنە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى» پات-پاتلا پەيدا بولىۋاتىدۇ. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: بىمەنىلىككە تولغان ۋە كۆڭۈل ئېچىشنىلا كۆزلەپ، ياكى كۆڭلىگە كەلگەنچە چاقچاق قىلىپ، ھەتتا يامان نىيەتتە تارىخنى بۇرمىلاپ توقۇپ چىققان ئاتالمىش ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋەقەلىرى، دەپ ئىشلىگەن ئۇ خىل «بىمەنە تىياتىر»لار ھەممىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۇن لىپىڭ مۇنداق دېدى: «18- سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇ ئۇرۇش 14 يىل داۋاملاشقان ئىدى. شۇ ئۇزاق ۋاقىتلىق ئۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقى غايەت زور ئازابلارغا ۋە قۇربان بېرىشلەرگە بەرداشلىق بەرگەن ئىدى. نەتىجىدە، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 35 مىليوندىن ئېشىپ كېتىشتەك ئېغىر بەدەل تۆلىدى. ياپونىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا كىشىنى چۆچۈتىدىغان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى نۇرغۇن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزدى. بۇ، شەك-شۈبھىسىزكى، دۇنيا تارىخىدىن ئىبارەت بۇ ئەسەردىكى ئەڭ زۇلمەتلىك بىر سەھىپىدۇر.

  سۇن لىپىڭنىڭ قارىشىچە, ئادەتتىكى ساۋاتلارغا زىت بولغان، سۇبيېكتىپ ھالدا ئويدۇرۇپ چىقىلغان بۇ خىل بىمەنە تىياتىرلاردا، يەنى، ئاتالمىش ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋەقەلىرى، دەپ ئىشلەپ چىقىلغان بۇ خىل «بىمەنە تىياتىر»دا ياساپ چىقىلغان چاكىنا ۋە قائىدىگە توغرا كەلمەيدىغان ۋەقەلەر بىلەن ھەقىقىي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش بىر-بىرىگە ئازراقمۇ جىپسا كەلمەيدۇ. يەنى، بۇ خىل «بىمەنە تىياتىر»لاردا ھەرگىزمۇ تارىخىي پاكىتلارنى ئاساسى تىرەك قىلغان ئەمەس، ئۇ خىل تىياتىرلاردا خەلق ئاممىسىنىڭ ھېسسىياتى ۋە تونۇشى تېخىمۇ كەم.

  سۇن لىپىڭ يەنە مۇنداق دېدى: «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيەنىڭ ھەمكارلىقى، جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقىنىڭ جاپالىق ھالدا مىسىلسىز كۈرەش قىلىشى ۋە غايەت زور قۇربان بېرىشى بەدىلىگە كەلگەن. كېيىنكى بەزى كىشىلەر ئەگەر ئۇ بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ قانلىق كۆز يېشى، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ, تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇشتەك ئۇرۇش تارىخىغا بىمەنىلىككە تولغان ۋە كۆڭۈل ئېچىشنىلا كۆزلەپ، ياكى كۆڭلىگە كەلگەنچە چاقچاق قىلىپ، ھەتتا يامان نىيەتتە تارىخنى بۇرمىلاپ توقۇپ چىققان ئاتالمىش ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋەقەلىرى، دەپ ئىشلىگەن ئۇ خىل «بىمەنە تىياتىر»لار ئارقىلىق مۇئامىلە قىلسا، جۇڭگو خەلقى ھەرگىز ماقۇل بولمايدۇ، دۇنيادىكى بارلىق تىنچلىقپەرۋەر، ھەققانىيەتنى سۆيىدىغان، ھەمدە جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا سېخىيلىق بىلەن ياردەم قولىنى سۇنغان دۆلەت ۋە خەلقلەر ھەرگىز قوللىمايدۇ.»

  سۇن لىپىڭ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە, گومىنداڭ يۈزمۇيۈز جەڭ قىلىش مەيدانىدا تەشكىللىگەن 22 قېتىملىق چوڭ جەڭدە، يەنە ئادەم سانى مىليوندىن ئاشىدىغان جۇڭگو ئارمىيەسى قاتنىشىپ قانلىق ئېلىشقان ئاشۇ جەڭ مەيدانلىرىدا، جۇڭگو ئەسكەرلىرى ھىچنېمىدىن قورقماي باتۇرلارچە قۇربان بولۇشتەك روھنى نامايان قىلغان ئىدى. ئەمدى بۇ خىل «بىمەنە تىياتىر»لاردا ئىتتىپاقداش ئارمىيەنى دۆت، ياپونىيە ئارمىيەسىنى بولسا، ئەخمەق، دەپ تەسۋىرىلەپ كۆرسىتىشى ئەمەلىيەتتە تاماشىبىنلارنى ۋە جۇڭگو خەلقىنى دۆت ۋە ەخمەق دەپ قاراپ مەسخىرە قىلغانلىق ۋە ئەخمەق كۆرگەنلىكتۇر. بۇنىڭغا خەلقىمىز قانداقمۇ يول قويسۇن؟

  سۇن لىپىڭ يەنە مۇنداق دېدى: «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىغا قارا چاپلاش ۋە ئۇلارنى قارىلاش ئەمەلىيەتتە قەھرىمانلارغا ۋە ئىنقىلابى قۇربانلارغا قىلىنغان چېكىدىن ئاشقان ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش،ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ كېتىش, دۈشمەن ئەقلىنى ئىنتايىن تۆۋەن كۆرسىتىش، دوست ئارمىيەنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرغانلىقىدەك ئەمەلىي پاكىتنى سۇندۇرۇپ كۆرسىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە تارىخقا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.» تارىخىي چىنلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەش ئەمەلىيەتتە تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىقنى قەدىرلەيدىغان جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ، ھەمدە ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتىدە تېخىمۇ پارلاق نۇر چاچىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر