سۈرەتتە: جىڭگاڭشەندىكى ماۋزېدۇڭنىڭ كونا تۇرالغۇسى __ ماۋپىڭدىكى سەككىز قىرلىق بىنا (ماتېرىيال سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، 88 ياشلىق جىڭگاڭشەنلىك بوۋاي ماۋ بىڭخۇا جىڭگاڭشەن روھىنى تەشۋىق قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردى.
21 يىل جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان ماۋ بىڭخۇا: «1927-يىلى 10-ئايدا، ماۋ زېدۇڭ كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىغا قاتناشقان قىسىمنى باشلاپ جىڭگاڭشەنگە كېلىپ، جۇڭگودىكى تۇنجى يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى __ جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇردى»، دېدى. ئۇ «جىڭگاڭشەن روھىنىڭ بىرىنچى تەشۋىقاتچىسى» دەپ ئاتالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى