باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە 200 نەچچە شەھەر ۋە ناھىيەدە قانۇنسىز قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملار بىر تۇتاش كۆيدۈرۈلدى

يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان قوراللىق جىنايەت سادىر قىلىش ۋەقەلىرى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %25.5 ئازايدى

2017.07.06 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مەملىكەت بويىچە 202 شەھەر ۋە ناھىيەدە قانۇنسىز قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى كۆيدۈرۈش پائالىيىتى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلدى. بۇ قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ قولغا چۈشۈرگەن ۋە ئامما تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان قانۇنسىز بۇيۇملار بولۇپ، بۇلار 140 مىڭ دانە شەخسىي ياسىۋالغان مىلتىق، پۇرۇق مىلتىق، ئوۋ مىلتىقى قاتارلىق ھەر خىل قانۇنسىز قورال-ياراغلار، زور مىقداردىكى پارتلاتقۇچ دورىلار ۋە پىستان قاتارلىق پارتلاتقۇچ بۇيۇملاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار مەركەزلىك كۆيدۈرۈلۈپ بىرتەرەپ قىلىندى. بۇ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئامانلىق جەھەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش ئۈچۈن قوللىنىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى.

  ج خ مىنىستىرلىقى قوراللار ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. 2012- يىلدىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مەملىكەت بويىچە قۇراللارنى چەكلەش ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تىزگىنلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇپ، قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارغا چېتىشلىق جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى قاتتىق ئېلىپ، قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، زور مىقداردىكى قانۇنسىز قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى يىغىۋالغان. نەتىجىدە، يېنىدا قورال ئېلىپ يۈرۈش ۋە پارتلىتىش جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش دېلولىرى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن، يەنى، بەش يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %25.5 ۋە %17.2 تۆۋەنلىگەن. بۇ يىل 5- ئايدىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قوراللارنى چەكلەش ۋە پارتلىتىشنى تىزگىنلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزلىك تەكشۈرۈپ يىغىۋېلىپ، توردا قۇرال سېتىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىپ، چېگرا رايونلاردا توسۇپ تەكشۈرۈپ ۋە كونترول قىلىپ، ھەمدە توشۇپ سېتىش يوللىرىنى تەكشۈرۈپ، توردا تازىلاپ ۋە تۈزەپ، نۇقتىلىق جايلاردىكى قوراللار ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ، بۇ خىل مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر