خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 6- كۈنى، «جۇڭگونى ھېس قىلىش 2017- يىللىق پائالىيىتى - جۇڭگو غەربىي رايون مەدەنىيىتى پائالىيىتىنىڭ مىسىرغا سەپەر. شىنجاڭ قىسىمى» مىسىر پايتەختى قاھىرەنىڭ خانايكىر سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ خەت ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلىدى.
باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، خانايكىر سەنئەت مەركىزىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا «رەڭدار شىنجاڭ» فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، «رەڭدار سېھرىي كۈچى» مىللىي كىيىم-كېچەكلەر كۆرگەزمىسى، «تەڭرىتاغ چالغۇ ئاھاڭلىرى» مىللىي چالغۇلار كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت يۇرتىدىكى سەنئەتكارلار قاھىرە تىياتىرخانىسىدا 1000دىن ئارتۇق مىسىر تاماشىبىنلار ئۈچۈن بىر مەيدان شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئۇسلۇبقا تولغان ئىگە ناخشا-ئۇسسۇل ئويۇنىنى ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان بولۇپ، بۇ ئويۇنلار قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ دىڭجې فوتوسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى