خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ھامبۇرگدا سىنگاپۇر زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سىنگاپۇر ئەنئەنىۋى دوستانە دۆلەتلەر، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، ئۆز ئارا ئۆگىنىدىغان ۋە ئۆرنەك قىلىدىغان ھەمكارلىق يولىنى تېپىپ چىقتى. جۇڭگو سىنگاپۇر بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىنگاپۇر بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سىنگاپۇر ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبھەرلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن ياخشى ئەنئەنىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكى ۋە كەلگۈسى نەزەر بىلەن ئىگىلىشى، ئىككى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ۋە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا بىر-بىرىنى چۈشىنىشى، قوللىشى كېرەك. ھەمكارلىشىش پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىشىشتىكى يۇشۇرۇن كۈچلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىساد-سودىغا مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ھۆكۈمەتلەر ئارا چوڭ-چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، ئالاقە تورى، ئۇچۇر-خەۋەرچىلىك تېخنىكىسى قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتتىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە ئىستۇدېنتلارنىڭ ئالماشتۇرۇش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىش يولىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئەل رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ب د ت، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانى تۈزەش-ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى