باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبىرىكلىدى

2017.07.07 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تيەنجىندە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېسەلنىڭ دۆلەت چېگرىسى بولمايدۇ. «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى ئورتاق جامائەت ساغلاملىقى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ سەھىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى سەھىيە-ساقلىق ساقلاش خىرىسىغا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگو تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكى ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىكنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، ئۇنىڭ كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى نۇرغۇن دۆلەت خەلقىنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر