باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئالىملىرى ئاق قان كېسىلىنى داۋالاشتىكى يېڭى نەتىجىلەرنى ئېلان قىلدى

يېرىم ماس كەلسىمۇ ھۈجەيرە كۆچۈرۈشكە بولىدۇ

2017.07.07 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئېلىمىزنىڭ ئالىملىرى خەلقئارا بويىچە داڭلىق مەتبۇئات «ئاق قان كېسىلى» ناملىق ژۇرنالنىڭ تور بېتىدە ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھۈجەيرە تەمىنلىگۈچىنىڭ قان تىپى يېرىم ماس كەلگەن تەغدىردىمۇ، ئۇ خىل تەمىنلىگۈچىنى ئالدى بىلەن تاللايدىغان نىشان قىلىشقا بولىدىكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە ئاق قان كېسىلىنى داۋالاشنىڭ يەنە بىر يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى كۆرسىتىىدۇ.

  بۇ تەتقىقات تۈرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قان كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلق دوختۇرخانىسىدىكى خۇاڭ شياۋجۈن پىروفېسسور تېما گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تاماملانغان. خۇاڭ شياۋجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: غەيرىي گېن قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈش بولسا، يامان خاراكتېرلىك قان كېسەللىكىنى داۋالاپ ساقايتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلەرنىڭ بىرى. ئىنسانلاردىكى ئاق قان ھۈجەيرە ئانتىگېنى( HLA) نىڭ يىلىك تىپى پۈتۈنلەي ماس كېلىدىغان بىر قورساق قېرىنداشلارنىڭ ئىچىدە قان تىپى ھۈجەيرە قوبۇل قىلغۇچى بىلەن بىردەك بولغان ھۈجەيرە تەمىنلىگۈچىلەر ئىزچىل ھالدا ئالدى بىلەن تاللىنىدىغان نىشان بولۇپ كەلگەن ئىدى، لېكىن، ئادەتتە قېرىنداشلار ئارىسىدا يىلىك تىپى پۈتۈنلەي ماس كېلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى پەقەت 25% بولىدۇ. ھۈجەيرە تەمىنلىگۈچى كەمچىل بولۇشتەك بۇ خىل ھالەت ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈپ قوللىنىشنى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچىرىتىپ كېلىۋاتاتتى. ئەمدى بۇ كوللېكتىپنىڭ «بېيجىڭ لايىھەسى» يەككە ھەسسىلىك تىپى بويىچە ماسلىشىش (يەنى يېرىم ماسلىشىش)تىن ئىبارەت كۆچۈرۈش سىستېمىسى بولسا، قېرىنداشلار ئارىسىدا پۈتۈنلەي ماسلىشىش، ئەمما قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، كىندىك قان تىپى بىلەن ماس كەلسىلا كۆچۈرۈشكە بولۇشتەك بىردەك داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكەن بولۇپ، ئۈنۈمى خىمىيەلىك داۋالاش ئۈنۈمىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن، قان ئىشلەپ چىقىرىدىغان غول ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن ھۈجەيرە تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ كېلىش مەنبەلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشىدەك مەسىلە ھەل قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر