باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى تەپەككۇرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

2017.07.10 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، جايلار كەينى-كەينىدىن مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، كەسىپ قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن شىنجاڭ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى، ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بەردى. ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى رايونى بولغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە «ئەقلىي جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىش»كە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، مائارىپ بولۇپمۇ كەسپىي تېخنىكا مائارىپى قاتارلىق جەھەتتە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، كۆرىنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جايدىكى ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جاينىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈپ، ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈملۈك قوللىدى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، پەيزىۋات ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ مۇدىرى خۇ داچياڭ مۇنداق دېدى: كەسىپ قۇرۇلۇشى يوقنىڭ ئورنىدا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەسى بىرلا خىل، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قېلىش نىسبىتى يۇقۇرى بولۇش مەكتىپىمىز ئەينى چاغدا دۇچ كەلگەن مەسىلە ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قېلىش نىسبىتى %50 تىن ئاشقان بولۇپ، يۇقۇرىلىقىنى ئويلاپ يەتكىلى بولمايتتى، ئوقۇش باشلىغاندا 1000 ئوقۇغۇچى كەلگەن بولسا، 10-ئايدا پاختا تىرىپ بولغاندىن، نەچچە يۈز ئوقۇغۇچى قالاتتى.

  نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى ۋە ياردەم بېرىلىۋاتقان جاي مەكتەپنىڭ ماھارەت جەھەتتە تەربىيىلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، «خىزمەت ئەترىتى+جۈپلىشىش»تەك ياردەم بېرىش قېلىپىنى ئىجادىي يۇسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاللاپ ئەۋەتىلگەن مەكتەپ مۇدىرى، باشقۇرۇش كادىرى، تايانچ ئوقۇتقۇچىدىن باشقۇرۇش ئەترىتى تەشكىللىدى ھەمدە كەسپىي مەكتەپلەرنى پەيزىۋات كەسپىي تېخنىكوم مەكتىپى بىلەن جۈپلىشىشكە ئورۇنلاشتۇردى.

  خۇ داچياڭ مۇنداق دېدى: فۇشەن شەھىرى سەككىز مەكتەپنى تاللاپ، ئۆز مەكتىپىنىڭ ئەڭ ياخشى كەسپىدىن پايدىلىنىپ، پەيزىۋات كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكومىنىڭ بىر كەسپىگە ياردەم بەردى. بىر ئوقۇتقۇچى مەخسۇس بىر پەنگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆز كەسپىدە چىڭ تۇرۇپ، دەرسلىكلەرنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ئوقۇتتى. مەسىلەن، ئاپتوموبىل كەسپىدە، بىر ئوقۇتقۇچى ماتور ھەققىدىكى دەرسنى ياخشى سۆزلىسە، مەخسۇس شۇ ماتور دەرسىنى سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەككە ماھارىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، بېرىكمە تەسىر ھاسىل قىلىنىپ، ئومۇمى سەۋىيە ئۆستۈرۈلدى.

  2014-،2015-يىللىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلەرنىڭ كەسىپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە، پەيزىۋات كەسىپىي تېخنىكومى 29 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 21 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسىشىگە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كەسىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 2010-يىلىدىكى 500 ئوقۇغۇچىدىن ھازىر 3000 گە كۆپەيدى، مەكتەپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىمۇ دەرھال ئاشتى. خۇ داچياڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلى %86.7 كە،كېيىمى %100 كە يەتتى. ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ بازىرى ئىتتىك بولدى، 2- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ تەقسىم قىلىنىپ بولدى. بۇ يىلدىن باشلاپ، مەكتەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مەملىكەتلىك كەسىپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ھۆرنىسا راخماننى مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىپ، «ئېلىپ كېتەلمەيدىغان» ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى قوشۇنىنى ياراتتى. 19 ياشلىق ھۆرنىسا راخمان مۇخبىرغا: ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن بىز بىلەن تەڭ دېمەتلىكلەر ماڭا ئوخشاش داۋاملىق ئوقۇش، خىزمەت قىلىشنى تاللىدى. ئىلگىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى توي قىلىپ كېتەتتى، ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۇقىرىلاپ ئوقۇيدىغان بولدى، بارغانسېرى كۆپ ئوقۇغۇچى داۋاملىق يۇقىرىلاپ ئوقۇيدىغان بولدى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىر، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئالىي تېخنىك ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ساۋ ۋېيگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىم تىرىكى. زور مىقدارىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كەسپىنىڭ قەشقەردە ئورۇنلىشىشىغا ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئىشچىلىرى، ئىقتىساسلىقلارغا بولغان ئىھتىياجى بارغانسېرى ئاشتى، ئىشچى قۇبۇل قىلىش تەس بولۇش كارخانىلار ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان تېمىغا ئايلاندى، بىزنىڭ تېخنىك ئىنىستىتۇتىمىز ئاساسلىقى كارخانىلارغا يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى، 1- سەپتىكى ئاساسىي قاتلام ئىش ئورنىغا تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا شىنجاڭغا ئورۇنلاشقان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كەسىپلەرنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىگىلى، شۇ ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا ھاياتى كۈچكە ئىگە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر