پەن يۈليەن ۋە بالىلار قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك دەرسخانا»دا ئوپچە رەسىمگە چۈشتى (25- ئاپرېل تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25 يىلدىن بۇيان، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىشەھەر بازىرىدىكى 2000دىن ئارتۇق بالا 75 ياشقا كىرىپ قالغان «ئەسكى-تۈسكى تېرىدىغان ئوقۇتقۇچى» پەن يۈليەننىڭ كېسەك ئۆيىدىكى «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك دەرسخانا»سىدا ئوقۇدى.
پەن يۈليەننىڭ دادىسى خەنزۇ، ئانىسى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ ئىككى خىل تىلنى پىششىق بىلەتتى، ياشلىق دەۋرىدە بىر مەزگىل سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، 1992-يىلى يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ تۇرۇشلۇق يېڭى شەھەر رايونىدىكى مەھەللىلەردە ئۇيغۇر ئائىلىلىرى كۆپ بولۇپ، بەزى بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى دەرس تەكرار قىلىپ بېرەلمەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا كىچىك دەرسخانا قۇرۇش ئويى پەيدا بولدى.
پەن يۈليەن ئۆيىدىكى ئەڭ چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ، ھازىرقى كىچىك سىنىپقا ئۆزگەرتتى. تاماق يېيىش، ئۇخلاشنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ 10 كىۋادرات مېتىرلىق كىچىك ئۆيىدە قىلدى، تام كونىراپ كەتسە، ئۇ تەشۋىقات رەسىمى بىلەن چاپلاپ قويدى، كونا ئۆي جاھازلىرىنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئىشلەتتى. بىراق ئوخشىمايدىغىنى، بۇ دەرسخانىدا بىر پۇڭمۇ ئالماي، يەنە بالىلارغا تاماق بېرىپ، ئوقۇش قوراللىرىنى تارقىتىپ بەردى؛ پەقەت بىرلا مۇئەللىم بەش يىللىقتىكى نەچچە ئون بالىنىڭ تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى دەرسلىرىنى تەكرار قىلىپ بەردى. ئۈستەلگە لىق كەلگەن لۇغەتلەر ۋە تەكرار كىتابلىرى دەل ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ئەڭ يېڭى نەرسىلەر، يەنە بىر يەشىك قېلىن 4A قەغەز بىلەن تۈپلەنگەن دەپتەر بار. بۇ، پەن يۈليەن باسمىخانىدا ياساتقان جەدۋەل بولۇپ، ئۈستىدە ئۆزى ئوقۇتقان ھەر بىر بالىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئائىلە باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ئۆزىنىڭ ئىپادىسى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى خاتىرىلەنگەن. 25 يىلدا 2000دىن ئارتۇق بالا بۇ يەردە ئوقۇپ چىقتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، بەزىلىرى دوختۇر بولدى...
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى