7- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئىراق زۇڭلىسى ئابادى (ئالدىنقى رەت سولدىن تۆتىنچى كىشى) موسۇلغا يېتىپ كەلدى. (سۈرەتلەرنى ئىراق زۇڭلىسى ئىشخانىسى تەمىنلىگەن).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق زۇڭلىسى، قوشۇمچە قوراللىق كۈچلەرنىڭ باش قوماندانى ھەيدەر ئابادى 9-ئىيۇل، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ موسۇل ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىراق زۇڭلى ئىشخانىسىنىڭ بىر باياناتىدا: «ئىراق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش قوماندانى ئابادى ئازاد قىلىنغان موسۇلغا يېتىپ كەلدى ھەمدە ئىراقنىڭ باتۇر ئەسكەرلىرى ۋە خەلقىنىڭ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى»، دېيىلدى.
ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى موسۇل پايتەخت باغدادنىڭ شىمالىغا 400 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، 2014-يىلى رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىراق چېگراسى ئىچىدىكى لاگىرى ۋە قوماندانلىق مەركىزى قىلىنغان. 2016-يىلى 10-ئايدا، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى موسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى