خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 12-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمتۈرتكىلىك ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى تېخىمۇ سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمتۈرتكىلىك ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىشى كېرەك.
يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان باشقا رەھبەرلەر بىلەن ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە باشلىقلار يىغىنى باشلاندى. مېركېل رىياسەتچىلىك قىلدى. باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ھەمتۈرتكىلىك دۇنيا يارىتىش» بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە سودا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە قاتارلىق قارالمىلار ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلدى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر تېخى ھەل قىلىنغىنى يوق، يەنە نۇرغۇن مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللارغا دۇچ كەلدۇق. خىرىس ئالدىدا، خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، ھەمتۈرتكە، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشى «ھەمتۈرتكىلىك دۇنيا يارىتىش»نى باش تېما قىلىپ، خاڭجۇ باشلىقلار ئۇچرىشىشى بىلەن تومۇرداش بولدى. بىز ئورتاق تىرىشىپ بۇ ئىدىيەلەرنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى