باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى نەتىجىسىنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا تەكشۈرگىلى بولىدۇ

2017.07.10 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18 دە، ئۈرۈمچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تور بېكىتى ياكى ئۈندىدار ئارقىلىق 2017-يىللىق ئۈرۈمچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  9-ئىيۇل، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئېلان قىلغان نەتىجىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدىغان تور بېكەتلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تورى(乌鲁木齐教育网)، شىنجاڭ تورى مائارىپ قانىلى(新疆网教育频道)، قىزىلتاغ تورى باش بېتى(红山网) ۋە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ «ئالقىنىمىزدىكى ئۈرۈمچى»(掌上乌鲁木齐) يۇمشاق دېتال تېرمىنالى قاتارلىقلار. ئۈندىداردا تەكشۈرۈش ئۇسۇلى «بىزنىڭ مائارىپىمىز(我们教育)» نامىدىكى قانۇنلۇق ئورگان ئۈندىدار سۇپىسىنى قوشۇۋېلىپ(ئۈندىدار سۇپىسىدا We-educationنى ئىزدىسە بولىدۇ)، «تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى نەتىجىىسى»(中考成绩) دەپ يېزىپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ.

  ئوقۇغۇچىلار ناۋادا ئىمتىھان نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىردە بولسا، ئەتە (11-ئىيۇل) سائەت 19 (بېيجىڭ ۋاقتى) دىن بۇرۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپكە قايتىدىن قاراپ چىقىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.

  بۈگۈن سائەت 18دىن 13-ئىيۇل سائەت 20گىچە، ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى مائارىپ تورىغا چىقىپ، ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى؛ ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر