خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە:7- ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى جەنۇبىي دېڭىزدا تەبىئىي گاز گىدراتنى سىناق تەرىقىسىدە قېزىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى.
شۇ كۈنى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى جۇڭگو گىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەشكىللەپ يولغا قويغان جەنۇبىي دېڭىزدا تەبىئىي گاز گىدراتنى سىناق قېزىش قۇرۇلۇشىنىڭ كۆزلىمە نىشانى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، تۇنجى قۇدۇقنى سىناپ قېزىپ گاز چىقىرىش ۋە نەق مەيداندا ئۆلچەش تەتقىقاتى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى ھەمدە قۇدۇق تاقاش مەشغۇلاتى يولغا قويۇلدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ دېڭىزدا تەبىئىي گاز گىدراتنى تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە قېزىشىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى