باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەلگۈسى ئون كۈندە جەنۇب-شىمالدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى داۋاملىشىدۇ

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى

2017.07.11 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 18دە داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى، مۆلچەرلىنىشىچە 7-ئاينىڭ 11-كۈنى كۈندۈزى شىمالىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبى بىلەن خۈەيخې دەرياسىنىڭ شىمالى، غەربىي شىمالنىڭ شەرقىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمى، گەنسۇنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، سىچۈەن ئويمانلىقى، خۇبېينىڭ غەربىي قىسمى ۋە جېجياڭنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، فۇجيەن، جياڭشىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35 تىن ئاشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە خېبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، خېنەننىڭ شىمالىي قىسمى، شەندۇڭنىڭ شىمالىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمى، گەنسۇنىڭ غەربىي قىسمى، نىڭشيا، سەنشىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى، شەنشىنىڭ گۇەنجۇڭ رايونى ۋە جەنۇبىي قىسمى، جېجياڭنىڭ جەنۇبىي قىسمى، فۇجيەننىڭ شەرقىي قىسمى شۇنىڭدەك جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37 ~℃39 ئارىلىقىدا بولىدىكەن، قىسمەن جايلارنىڭ ℃40 تىن ئاشىدىكەن.

  مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى سۈن جۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى بۇ يىلدىن بۇيانقى دائىرىسى ئەڭ چوڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى، 7-ئىيۇلدىن باشلىنىپ، 9-ئىيۇلغىچە ئاساسلىقى شىمالدىكى توققۇز ئۆلكە (شەھەر، ئاپتونوم رايون)گە مەركەزلەشتى. كەلگۈسى ئون كۈندە شىمالنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ دائىرىسى داۋاملىق كېڭىيىدۇ. شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، غەربىي شىمالنىڭ شەرقىي قىسمى، شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبى بىلەن خۇەيخې دەرياسىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا بەش كۈندىن سەككىز كۈنگىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35 ~℃38 ئارىلىقىدا بولىدۇ، قىسمەن جايلارنىڭ ℃40قا يېتىدۇ. جەنۇبىي رايوندا كەلگۈسى ئون كۈندە چاڭجياڭ-خۈەيخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم جايلار، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىدىكى جايلاردىمۇ تۆت كۈندىن ئالتە كۈنگىچە ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جېجياڭ دېگەندەك چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى شەرقىي قىسىم رايونلاردا يەتتە كۈندىن توققۇز كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر