باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ھىندىستاننىڭ دۇڭلاڭ رايونىنى ئۈچ دۆلەت چېگرالىنىدىغان رايون دېيىشى كۆز بويامچىلىق

2017.07.10 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ھىندىستاننىڭ پۈتكۈل دۇڭلاڭ رايونىنى ئۈچ دۆلەت چېگرالىنىدىغان دائىرىدە دېيىشى كۆز بويامچىلىق دېدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1890-يىلى «جۇڭگو ئەنگلىيە يىغىنىنىڭ شىزاڭ ھىندىستان ئشىلىرى شەرتنامىسىدا» جۇڭگو بىلەن ھىندىستان چېگراسىنىڭ سېكىن بۆلىكىنىڭ شەرقىدىكى باشلىنىش نۇقتىسى جىمۇماجېن قارلىق تېغى دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇ قېتىمقى ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتكەن ئورنى جۇڭگو بىلەن ھىندىستان چېگراسىنىڭ سېكىن بۆلىكىنىڭ چېگرا سىزىقىدا بولۇپ، جىمۇماجېن قارلىق تېغىدىن تەخمىنەن 2000 نەچچە مېتىر يىراقلىقتا، ئۈچ دۆلەت چېگرالىنىدىغان نۇقتا مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: ھىندىستان چېگرا شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە پىسەنت قىلماستىن، پۈتكۈل دۇڭلاڭ رايونىنى ئۈچ دۆلەت چېگرالىنىدىغان دائىرىدە دېدى. روشەنكى بۇ، باشقىچە غەرەزدە بولغانلىق. ھىندىستان بۇ قېتىمقى ۋەقەغە ئۈچ دۆلەتنىڭ چېگرالىنىدىغان نۇقتىسى دېگەن ئۇقۇمنى قوشۇۋالدى ھەمدە ئۈچ دۆلەت چېگرىلىنىدىغان نۇقتىنى بىر رايون ئۇقۇمىغا كېڭەيتمەكچى بولدى، بۇ كۆز بويامچىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر