باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلدىن باشلاپ يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار يەر خېتى بېجى، ماركا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2017.07.11 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، كەنت كوللېكتىپ يەرلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەر ۋە كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەمدە يەر ئۈستىدىكى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاشتا يەر خېتى بېجى ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: پاي ھەمكارلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى قوبۇل قىلغان ئەسلىدىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ يەر، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىدىن يەر خېتى بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ۋە كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات فۇنكسىيەسىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدىغان كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى كوللېكتىپنىڭ مال-مۈلكىنى ئېنىقلاپ قايتۇرۇۋالغان يەر، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىدىن يەر خېتى بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ۋە كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات فۇنكسىيەسىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدىغان كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى كوللېكتىپنىڭ مال-مۈلكىنى ئېنىقلاپ قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئىمزالىغان مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكەش ئىسپاتىدىن ماركا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ئادەتتىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، نۇرغۇن يېزا جامائەت ئاممىۋى مۇلازىمەت چىقىمىنى ئۈستىگە ئالغان. دۆلەت باج باش ئىدارىسى مال-مۈلۈك ۋە ھەرىكەت بېجى مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇقتۇرۇشتا بۇ يىلدىن باشلاپ يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان يەر خېتى بېجى، ماركا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، ئىسلاھات تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ياخشى سىياسەت مۇھىتى يارىتىپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر