باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باتتۇلېغ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا 2-نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتە غەلىبە قىلدى

2017.07.10 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى كومىتېتى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئاۋاز ھېسابلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى باتتۇلېغ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا 2-نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتە روشەن ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلغان.

  مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 7-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتە، باتتۇلېغ 611 مىڭ ئاۋازغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ رىقابەتچىسى، موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ئېنخ بولىد 497 مىڭ ئاۋازغا ئېرىشكەن، شۇ كۈنى سايلىغۇچىلارنىڭ ئاۋاز بېرىش نىسبىتى %60.41 بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن كەلگەن.

  تۈنۈگۈن سەھەردە، باتتۇلېغ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم قوللىغۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

  ئېنخ بولىدمۇ تۈنۈگۈن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە سۆز قىلىپ، ئۆزى ۋە موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ خەلقنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى، سايلامدىكى مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر