خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇل 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ھەمبۇرگ باشلىقلار يىغىنى يېىپلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مارئالاگو قورۇقىدا كۆرۈشكەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ خىزمەت كوللېكتىپى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش بويىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. كېيىنكى باسقۇچتا ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ھە قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتىنى 19-ئىيۇل ئۆتكۈزۈشكە ھەم يېقىندا تۇنجى نۆۋەتلىك قانۇن ئىجراسى ۋە تور بىخەتەرلىكى سۆھبىتى، جەمئىيەت ۋە ئادەمىيەت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى. ئىككى تەرەپ تۆت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى