باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاممىۋى مۇسابىقە تۈرىدە تۇنجى مېدالغا ئېرىشتى

2017.07.10 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، تيەنجىن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ تەيجى گۇمپىسى تۈرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن قاتناشقان ماھىر ۋاڭ چىنجۈن 9.28 نومۇر بىلەن ئەرلەر چېن شەكلى تەيجى گۇمپىسى تۈرى بويىچە 3-بولۇپ، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيەسى تۈرىدە تۇنجى مىس مېدالغا ئېرىشتى.

  شۇ كۈنى، خەلقئارا شاھمات مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر گۇرۇپپىسى ئىشتىن سىرتقى تېز ئويناش تۈرىدە، ئابدۇراخمان 4-لىككە ئېرىشتى.

  شىنجاڭ تەنتەربىيە باش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى يۈ شېڭۋېي مۇنداق دېدى: مېدالغا ئېرىشىش كېيىنكى قەدەمدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرلىرى ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش بولدى، ئۇندىن باشقا بىزنىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە تۈرىنى شىنجاڭدا تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىشىمىزغا ياخشى مەدەت ۋە رىغبەتلەندۈرۈش بولدى، دەپ قارايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر