باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باۋجى-لەنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلاندى

2017.07.10 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  توغراق، تۆگە كارۋىنى، قۇملۇق سۈرەتلىرىنى ۋاگون ئىچىدە تۇرۇپ ھەممە يەردە كۆرگىلى بولىدۇ. گىلەم ئۈستىگە «ئېسىل يىپەك يولى» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن لەنجۇدىن شۇجۇغا قاتنايدىغان G2028 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزدىن قويۇق يىپەك يولى پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى.

  9-ئىيۇل باۋجىدىن لەنجۇغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا قاتناش باشلاندى. 401 كىلومېتىر كېلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول غەربتە شىئەندىن باۋجىغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بىلەن، غەربتە لەنجۇ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىلەن تۇتىشىدۇ. قەدىمىي يىپەك يولىدىن باشلانغان شىئەن-ئۈرۈمچى «يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول يىپەك يولى» بۇنىڭ بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.

  ئەتىگەن سائەت 8دىن 16مىنۇت ئۆتكەندە، G2028 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، شەرقتىكى نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى شۇجۇغا قاراپ يول ئالدى، پويىز ۋاگونلىرى پاكىز، ئازادە ئىدى.

  شۈ كۈنى لەنجۇ تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ 100جۈپ ئىشچىسى لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىدا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، قىسقىغىنا توي مۇراسىمىدىن كېيىن، ئۇلار G2028 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزغا چىقىپ، شۇ كۈندىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلپ قىلغان يولۇچىغا ئايلاندى، خۇشاللىق كۈلكە ساداسى، بەخت ساداسىغا چۆمگەن بۇ ياشلار ۋاگوندىكى ھەربىر يولۇچىغا توي كەمپۈتى تارقاتتى. G2028 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز يولغا چىقىپ بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن تىيەنشۈي جەنۇبىي ۋوگزالىدا توختىدى. ئىلگىرى 300 كىلومېتىرغا يېقىن كېلىدىغان بۇ مۇساپىنى بېسىش ئۈچۈن ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر