باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەنزۇ تىلى ئامېرىكا ئاھالىلىرى ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان 2-چەت ئەل تىلىغا ئايلاندى

2017.07.10 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئامېرىكا <7/24> ۋال ئىسترېت كوچىسى» تور پونكىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاھالىلىرى دائىم ئىشلىتىدىغان چەت ئەل تىلى ئىچىدە، خەنزۇ تىلى ئىسپان تىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  ئامېرىكا كولومبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 7-ئىيۇل خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 2015-يىللىق ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىكى «ئائىلىدە دائىم ئىشلىتىدىغان چەت ئەل تىلى تۈرى» ۋە ھەر قايسى شتات ئاھالىلىرىنىڭ ئىرق ئەھۋالىغا ئاساسەن چىقىرىلغان.

  ئامېرىكا نوپۇسىدا 40 مىليوندىن ئارتۇق ئىسپانىيەلىك ئەۋلادى بولۇپ، ئىسپان تىلى ھەر قايسى شتات ئاھالىلىرى ھەممىسى دېگۈدەك ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان چەت ئەل تىلىكەن، دائىم خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغانلاردىن 2 مىليون 10 مىڭى بولۇپ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم تاگالا تىلى، ۋىيېتنام تىلى، فىرانسۇز تىلى، ئەرەب تىلى ۋە كورېيە تىلى ئىشلىتىدىغانلارمۇ 1 مىليوندىن ئاشىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر