خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى 9- ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا تەنتەنىلىك ئېچىلدى.
سۈرەتتە: ئۈچ ئارمىيەنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلى مەشىق قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).
ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلگەن «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» دېگەن نام زادى قاچان تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟ قاچان رەسمىي ئىشلىتىلگەن؟
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى گو فاڭنىڭ قارىشىچە، «ئازادلىق ئارمىيە» دېگەن نامنى يولداش ليۇ شاۋچى ئەڭ بالدۇر ئوتتۇرىغا قويغان.
1944-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنىدا، ليۇ شياۋچى: «مۇنتىزىم قىسىم ۋە پارتىزانلار ئەترەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ <ئازادلىق ئارمىيە> دەپ ئاتايلى ياكى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە ئازادلىق ئارمىيەسى دەپ قوشۇپ ئاتايلى»، دېگەن. بۇ ھازىرغا قەدەر بارلىق ھۆججەت، ئارخىپ ماتېرىياللاردا تۇنجى قېتىم «ئازادلىق ئارمىيە» دېگەن نامنىڭ كۆرۈلۈشى.
بىراق، «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» دېگەن نام 1946-يىلىغا كەلگەندە تۇنجى قېتىم ھەقىقىي ئىشلىتىلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى